- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەلى بابا ئىككى يىلدا بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ ساختىلىققا زەربە بېرىدۇ
2014.12.29 17:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇرۇلغىلى 15 يىل بولغان ئەلى بابا ئالدىنقى كۈنلىرى تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە ساختىلىققا زەربە بېرىش خىزمەت مېخانىزىمىنى ئېلان قىلدى. ئەلى بابانىڭ باش خەۋىپسىزلىك ئەمەلدارى شاۋ شياۋفېڭ: «2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2014-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئەلى بابا گۇرۇھى ئىستېمالچىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ساختىلىققا زەربە بېرىش تەرەپلەردە سالغان مەبلىغى ئاللىقاچان بىر مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. 2014- يىل 3-پەسىلدە ، ماركا ئىگىسى بىلەن ماسلىشىپ يىلىغا ئالتە مىليون پارچە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان مەھسۇلات ئۇلانمىسىنى بىر تەرەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىغا ماسلىشىپ پاش قىلغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى 1000 پارچىدىن ئاشىدۇ، تۇتۇلغان جىنايەت گۇماندارى 400 گە يېقىن، چېتىلىدىغان مەبلەغ 600 مىليون يۇەنگە يېتىدۇ» دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر