- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاكىستان ئېغىر مۇشت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتتى
2014.12.29 15:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف يېقىندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى كۈنلىرى ئاز قالدى، بىز تۆمۈر مۇشت ئارقىلىق ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز. شېرىف ھۆكۈمىتى 25-دېكابىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە بىر يۈرۈش قاتتىق تەدبىرلەرنى چىقاردى. شېرىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان ھۆكۈمىتى تېررورچىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلماي، داۋاملىق قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ، بۇ ھەربىي زەربە بېرىش ۋە تېررورچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پېشاۋۇردىكى پاجىئە پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا ئۈندەيدۇ. ھۆكۈمەت ئوتتۇرغا چىقارغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنىڭ تېررورچىلارنى قىسقا ۋاقىتتا چەكلەش ۋە چۆچىتىش ئۈنۈمى بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر