- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇ يىل تۆمۈر يول تاش يول سۇ يولىغا 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
2014.12.29 15:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقىشىچە، 2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بىر قەدەر يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان، پۈتۈن يىللىق تۆمۈر يول، سۇ يولى، تاشيولغا سېلىنغان مەبلەغ 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۈمكىنكەن. 2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ تىرانسىپورت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتە تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ يولى، خەلق ئاۋىئاتسىيەسىدە توشۇلغان يولۇچىلار مىقدارى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.7، يۈك مىقدارى %7.2، پوچتا كەسىپىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34 ئاشقان. كۆلەملىك پورت ئېغىزلىرىدا توشۇلغان يۈك ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.8، يۈك ساندۇقى كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش مىقدارى %6.1 ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر