باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزو: جۇڭگو، كورىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى

2014.12.29 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو قايتىدىن ھوقۇق تۇتقىنىغا 2014-يىلى 26-دېكابىر ئىككى يىل بولغان، بۇ كۈنى ئۇ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلمىغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياپونىيەنىڭ تارىخقا بولغان تونۇش مەسىلىسىدە جۇڭگو-كورىيە بىلەن قارشىلاشتى، ھازىر ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش يۈزلىنىشى كېلىپ چىقتى، ئابې شىنزو ناۋادا بۇ يۈزلىنىش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا تەنقىدلىنىشىم مۇمكىن دەپ قارىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئابى شىنزو ئۆتمۈشتىكى ئۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن باش ۋەزىر سۆھبىتى بېكىتىشنى پىلانلىغان. ئۇ: بۇندىن كېيىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېما قىلىش ئارقىلىق بۇندىن كېيىنكى ھاكىمىيىتىنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈپ، جۇڭگو ۋە كورىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش زۆرۈر دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر