باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيە خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىنىڭ قاراۋۇللىق ئورنىدا ئۆزگىرىش بولدى

2014.12.29 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېيىق تىرىسدىن تىكىلگەن ئۇزۇن تۇماق كەيگەن ئەنگىلىيە خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى بىلەن يالغۇز رەسىمگە چۈشۈش پۇرسىتى كۆپ قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئەسەبىي ئىدىيەدىكىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ساقچىلار ئۇلارنى دەرۋازىدىن، توساقتىن كىرگەندە ياكى چىققاندا قوغداشقا باشلىدى.

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاز دېگەندە تۆت ئورۇندىكى خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى قوغداش ئوبيىكتىغا ئايلانغان. تەخت ۋارىسى چارلىز تۇرۋاتقان كىلارىنسى سارىيىدا ئىككى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر قاراۋۇلخانىسى تۆمۈر ئىشىك سىرتىدىن تۆمۈر ئىشىك ئىچىگە يۆتكەلدى، دەرۋازە بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق بولدى. ئەننى مەلىكىسىنىڭ سان جامىس تۇرالغۇسىدا مۇھاپىزەتچىلەر ئەسلىدىكى ئورۇندىن ھازىرقى ساراي قۇرۇلۇش توپىدىكى قورو ئىچىگە يۆتكەلدى.

  خان جەمەتى ئاتلىق مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەرنىڭ پارات مەيدانى ۋە ۋىندسور سارىيىنىڭ قاراۋۇل ئورنىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ساياھەتچىلەر ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشەلەيدۇ. ئەمما بۇ مۇھاپىزەتچىلەرنى ساقچى قوغدايدۇ. خان جەمەتى ئاتلىق ئەسكەرلەر مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ پارات مەيدانى ئىشكى ئالدىدا ئاپتومات، تاپانچا، ئېلىكتىرونلۇق تاپانچا تۇتقان نۇرغۇن ساقچىلار قائىدە خاراكېترلىك ھەربىي قىلچ كۆتۈرگەن خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىنى قوغدايدۇ. بىر ساقچى: بىز يېقىندا بۇ يەرگە ئەۋەتىلدۇق، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىنى قوغداش، دېدى. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 80-يىللىرى ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان دائىرلەرنىڭ تۇنجى قېتىم خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىنى يالغۇز قاراۋۇللىقتا تۇرۇشقا يول قويماسلىقى. بۇنىڭدىن باشقا، سان جامىس سارىيىنىڭ ئىشكى ئالدىدىكى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ئەينى چاغدا ۋاقتىنچە ئىچكى قىسمغا چېكىندۈرۈلگەن، ئەمما بۇ قېتىمقىسى مەڭگۈلۈك چېكىنىش. بۇ تەدبىرلەر ئەنگىلىيەنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان دىنى ئەسەبىي خادىملارنىڭ ھۇجۇم قىلىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  نۇرغۇن ئەنگىلىيەلىكلەر سۇرىيە ياكى ئىراقىتىكى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە قاتنىشىۋاتىدۇ. ئەنگىلىيە دائىرلىرى يەنە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ كۇشكۈرتىشى بىلەن بەزىلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۆز ئالدىغا ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ئەنگىلىيە 8-ئايدا تېررورلۇق ھۇجۇم ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى نۇقتىغا كۆتۈردى، بۇ ھۇجۇمغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىقىنىڭ زورلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. ئەنگىلىيە ساقچى دائىرلىرى: بۇ يىل نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇم سۇيقەستىنى پاش قىلدۇق، دېدى. ئادەتتىكى ئەنگىلىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىغاندا، خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئاسانلا جامائەتنىڭ ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققتىنى تارتىدۇ. خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قائىدە خاراكتېرلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، گەرچە مىلتىق سەپلەنگەن بولسىمۇ، ئىچىدە ئوق يوق ئىدى.

  بۇ يىل 10-ئايدا كانادادا ئىككى قېتىم ھەربىيلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر خادىم: كانادادا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش دېلوسى ئەنگىلىيەدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، قاراۋۇل ئورنىنى يۆتكەش مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى چىقىرىشىغا يىتەرلىك ، بۇ جاننى ساقلاپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز بۇنىڭغا پۇتۇنلەي قوشۇلىمىز، دېدى.

  خان جەمەتىنىڭ سابىق مۇھاپىزەتچى ئەسكىرى مۇنداق دېدى: بىز ئەنئەنىنى قوغداش ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئوتتۇرىسدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىمىز كېرەك، سىز ئاجىزلىقىمىزنى نامايەن قىلماسلىقىمىز كېرەك دېيىڭىشىز مۇمكىن. ئەمما سىز بۇلارنى بۇ مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەرنى قانداق قوغدايسىىز؟ قۇرال سەپلەش بېرىش تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا قاراۋۇل ئورنىنى يۆتكەش- ئىززەت ھۆرمىتى بىلەن چېكىنىش ھېسابلىنىدۇ. بىراق تاراتقۇچى كىلوئى خۇۋارد: بۇنداق قىلىش يۈزنى چۈشۈرىدۇ، چۈنكى خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىنىڭ ئوبزارى ئەنگىلىيەنىڭ سىمۇۋۇلىنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىنىڭ بۇلارنى كۆرۈشى تەسكە توختايدۇ،دېدى.

  ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن خان جەمەئەتى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىنىڭ ئوفىتسىرىمۇ: بۇنداق قىلىش يۈزنى بەك چۈشۈرگەنلىك، چۈنكى كۆپچىلىك بىزنى كۆرەلىگەچكە بىز مەۋجۈتلۇقىمىزنى ھېس قىلاتتۇق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ قاتتىق ھۇجۇم تەھدىتى ئالدىدا بۇنداق ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر، دەپ قارىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر