باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلىرى بۇ يىل سېرىق مەزەر، قىمار ئويناشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسدىن 37مىڭنى پاش قىلدى

2014.12.29 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى سېرىق مەزەر، قىمار ئويناشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسدىن 37مىڭنى پاش قىلىپ، 87مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قولغا چۈشەردى. ئۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلغان 134 چوڭ دېلونىڭ ھەممىسى پاش بولۇپ، بىر تۈركۈم، سېرىق مەزەر، قىمار ئويناشقا چېتىلىدىغان سورۇنلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۈركۈم جىنايەت گوروھىنى يۇقۇتۇپ، سېرىق مەزەر، قىمار ئويناش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق رايونلارنى تۈزۈپ، ئىجىتمائىي مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇھىتىنى قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 150 كە يېقىن شەھەر، ناھىيەدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، ساقچىخانا مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، ۋەزىپىسىدە بىپەرۋالىق قىلىش ۋە قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر