باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ جىڭۋىي: مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك

2014.12.26 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىڭۋىي 24-دېكابىر مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۈگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ روھىنى ئۈگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، جۇڭگوچە مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرا يول يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى يىغىنى 24-،25-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان بىر يىل بولدى. 2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارغا ياخشى تەييارلىق قىلدى. بۇ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا يېڭى ئەھۋال شەكىللەندۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2015-يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئۈگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇتكۇل مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىم يىغىن پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 13-بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر