شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ھىندىنوزىيىنىڭ بەندائاسېخ دېگەن يېرى، مۇسۇلمان قىز-ئاياللار دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ھىندىنوزىيىدىكى دېڭىز شاۋقۇنىدا قازا قىلغانلارنى ياد ئېتىپ، ھىندىنوزىيىدە يۈز بەرگەن دېڭىز شاۋقۇنى ئاپىتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ئىگەللىنىلىشىچە، 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىنوزىيىنىڭ بەندائاسېخ رايونىدا 7.9 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن دېڭىز شاۋقۇنى ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. شۇ قېتىملىق دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېترغا يەتكەن بولۇپ، ئاپەتتە دېڭىز بويىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازاغا يولۇققان، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغانىدى.