باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بىر قانچە تۆمۈر يولدا 26-دېكابىر بىرلا ۋاقىتتا قاتناش باشلاندى

2014.12.26 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-دېكابىر گۈيياڭدىن گۇاڭجۇغا، نەننىڭدىن گۇاڭجۇغا، لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئۈچ تۆمۈر يولدا بىرلا ۋاقىتتا قاتناش باشلاندى، 2008-يىلىدىن باشلاپ سېلىنغان گۈيياڭدىن گۇاڭجۇغا بارىدىغان تۆمۈر يولدا غەربىي جەنۇبتىكى ئىچكى جايلاردىن شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونىغىچە، يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرسا ھازىرقى 22 سائەتتىن 4 سائەتكە قىسقىرايدۇ.

  نەننىڭدىن گۇاڭجۇغا بارىدىغان تۆمۈر يولدا بىردەك قاتناش باشلاندى، بۇ تۆمۈر يول ئوتتۇرا غەربىي قىسىمنىڭ تۆمۈر يول تورى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرىدۇ، ئۇ گۇاڭشى گۈيياڭنىڭ شەرقى جەنۇبىي رايونى بولۇپمۇ نوپۇس زىچ مەركەزلەشكەن تېڭشيەن، گۈيپىڭ، پىڭنەن، ساڭۋۇ قاتارلىق رايونلاردا تۆمۈر يول بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىدۇ، بۇندىن كېيىن بۇ رايونلار دۆلەتنىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى بىلەن بىرلىشىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىدۇ. ئومۇمىي مۇساپىسى 1777 كېلومىتىر كېلىدىغان لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئارىلىققا ئەڭ تېز بولغاندا 11 سائەت 50 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە تېزلىشىدۇ. بىر تۈركۈم يېڭى لىنىيەنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشقا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ چاقماق پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسى 28 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونغا كېڭەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە گەنسۇ، گۈيجۇ، چىڭخەي، ئىچكى مۇڭغول قاتارلىق غەربىي قىسىمدىكى تۆت ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممىسى تۇنجى قېتىم چاقماق پويىز قاتنىغان رايونلار. ئېلىمىزنىڭ تۆمۈر يول تىرانسىپورت ئىقتىدارى بۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ ئاشىدۇ، ساياھەتچىلەر 2015-يىللىق چاغانلىق تىرانسىپورتتا تېخىمۇ كۆپ قولايلىققا ئېرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر