باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسى قاتارلىق قانۇن لايىھەلىرى قاراپ چىقىلدى

2014.12.26 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسى، چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتىسز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى ئايرىم-ئايرىم قاراپ چىقتى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-سانلىق يىغىنىدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن لايھەسى دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىۋىدىكى ئەزالار ئومۇميۈزلۈك: دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى تۈزۈش- دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش يېڭى ۋەزىيىتى يېڭى تەلىۋىگە ماسلىشىش ئېھتىياجى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ ئېھتىياجى، ناھايىتى رىئال، ناھايىتى زۆرۈر، دەپ ھېسابلىدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى تولۇق قوبۇل قىلغان ئاساستا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن تۇرغۇزۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-سانلىق يىغىنى چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. دائىمىي كومىتېت تەركىۋىدىكى خادىملار، مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك: چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتىسز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈش- چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن-تۈزۈم يولىغا كىرگۈزۈشتە ناھايىتى مۇھىم، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لايىھە- چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتىسز تەشكىلاتلارنىڭ ئېلىمىز تەۋەسىدىكى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتىسز تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ تەكلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر