باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

2014.12.26 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى ئىجتىمائىي كاپالەت نۇرغۇن كىشىلەرنى قاپلىغان، تەمىنات سەۋىيەسى ئۆسكەن، فوندىنىڭ ھەرىكىتى مۇقىم بولغان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرى يىن ۋىيمىن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تايانچىلىق رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئورگان كەسپىي ئورونلارنىڭ ياشانغانلار سۇغۇرتا تۈزۈمى قاتارلىق ئىسلاھاتلار ۋاقتىدا يولغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىرلىككە كەلگەن شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغانلار سۇغۇرتا تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىدۇ، يىرى ئىگىلىۋىلىنغان دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيىلەشتۈرۈلىدۇ. ئېلىمىز داۋالاش سۇغۇرتىسىدا شەھەر يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر يېزا ئاھالىلارنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش سۇغۇرتىسنى تۆلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. كېلەر يىلى يەنە تۇغۇت سۇغۇرتا چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر