خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21-دېكابىر كەچ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو قانىلى(CCTV-6)دا «كەلگىن !كۈل قىز» پروگراممىسى رەسمىي كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. پروگراممىدا، شىنجاڭدىن كەلگەن تارباغاتايلىق «ئەڭ گۈزەل قىز ساقچى »غالىيە گۈزەل قىياپىتىنى نامايان قىلدى. پروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن ،شىنجاڭ شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غالىيەگە تېلېفون قىلغاندا، غالىيە ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ساقچى –قاراقچى مەزمۇنىدىكى كىنولارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئارتىس بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى