باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئانگولادا تۇتۇلغان جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى قويۇپ بېرىلدى

2014.12.24 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئانگولادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئارلىشىشى ئارقىسىدا، 19-دېكابىر ئانگولا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان 300 دىن كۆپرەك جۇڭگولۇقنىڭ كۆپىنچىسى 21-دىكابىردىن ئىلگىرى قويۇپ بېرىلدى. نۆۋەتتە يەنىلا 30 دىن كۆپرەك جۇڭگولۇق قانۇنلۇق ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكىدىن قاماپ قويۇلدى. جۇڭگونىڭ ئانگولادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئانگولا تەرەپنىڭ قاماپ قويۇلغان جۇڭگو پوقرالىرىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئامىلىدىن تولۇق بەھرىمەن قېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئانگولا ساقچى تەرەپ 19-دېكابىر قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە قانۇنسىز ئىشلەمچىلەرگە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ پايتەخت رۇئاندادا بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ رۇئاندادا ئانگولادا ئىشلەۋاتقان ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 300 دىن كۆپرەك جۇڭگولۇق پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭدىن كۆپرەك چەتئەللىك پۇقرالارنى تۇتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر