باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غۇنچە پىلانى يولغا قويۇلغىنىغا 25 يىل بولدى

2014.12.24 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غۇنچە پىلانى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خەتىرىلەش پائالىيىتى تۆنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ «غۇنچە پىلانى» غا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار ئىدارە-ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  «غۇنچە پىلانى» مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن جۇڭگو ئۆسمۈر بالىلار فوندى جەمئىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان ئوقۇشسىز قالغان قىز بالىلارنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى. 25 يىلدىن بۇيان، جەمئىيەتتىن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئىئانە توپلىنىپ، غۇنچە پىلانى مەكتىپىدىن 1154 ى سېلىندى، 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق قىز بالىغا ياردەم بېرىلدى.

  لى يۈەنچاۋ مۇنداق دېدى: «غۇنچە پىلانى» نامرات قىز بالىلارنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى، ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن تارتىپ ئەر ئايال باراۋەر بولۇشقا ئىجابىي تۆھپە قوشتى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە جەمىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە «غۇنچە پىلانى»نى جارىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مېھرى- شەپقەتلىك كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەپ، مېھرى شەپقەت نۇرى ئارقىلىق ھەر بىر قىز بالىنىڭ ئارزۇسىنى يورۇتۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەر ئايال باراۋەر بولۇش مەدەنىىي يېڭى كەيپىياتىنى نۇرلاندۇرۇپ، سوتسىيالىسيىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر