باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى، «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» ئېلان قىلىندى

2014.12.24 08:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ 656-نومۇرلۇق پەرمانىنى ئىمزالىدى، «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» ئېلان قىلىندى، بۇ نىزام 2015-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» جەمئىي ئالتە باپ، 35 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئورگانلىرى، تىزىملاش دەپتىرى، تىزىملاش تەرتىپى، تىزىملاش ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇنى قوغداش قاتارلىقلار بەلگىلەندىى.

  «نىزام»دا زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكىنى تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشقا بىر ئورۇننى بېكىتىش ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

  «نىزام»دا تىزىملاش دەپتىرىگە تىزىملاش مەزمۇنى بەلگىلىنىپ، تىزىملاش ئورگانلىرىدىن بىرلىككە كەلگەن كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرى تۇتۇپ، كۆچمەس مۈلۈكلەرنىڭ تەبىئىي ئەھۋالى، ھوقۇق تەۋەلىكى ئەھۋالى، ھوقۇق دائىرسى ئەھۋالى قاتارلىق نۇقتىلارنى توغرا، تۇلۇق، ئېنىق خاتىرىلەش؛ تىزىملاش شەكلى قېلىپلاشتۇرۇلغان بولسا، تىزىملاش دەپتىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېلېكترونلۇق ۋاسىتە بولۇش، ۋاقتىنچە شەرت ھازىرلانمىغان بولسا، قەغەز ۋاسىتىسى قوللىنىش؛ ساقلاش مەسئۇلىيىتى تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ، تىزىملاش ئورگانلىرىدىن مۇناسىپ بولغان بىخەتەرلىككە مەسئۇل بولۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىزىملاش دەپتىرىنى مەڭگۈ ساقلاش، بىخەتەرلىك، قوغداش ئەسۋابلىرىنى سەپلەش، ھەر قانداق كىشىنىڭ تىزىملاش دەپتىرىنى بۇزىۋېتىشىگە يول قويماسلىق، قانۇن بۇيىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن سىرت تىزىملاش نۇقتىلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تىزىملاش دەپتىرى بۇزۇلۇپ كەتسە، كۆيۈپ كەتسە، بۇرۇنقى تىزىملانغان ماتېرىياللار بۇيىچە قايتا دەپتەر تۇرغۇزۇش تەلەپ قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر