باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» ئېلان قىلىندى، كېلەر يىلى 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

مۈلۈك ھوقۇقى مۇقىم بولدى، خەلققە قولايلىق يارىتىلدى

2014.12.24 08:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» 22-دېكابىر ئېلان قىلىندى ۋە كېلەر يىلى 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقى ئېلىمىز مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئىش. «نىزام» دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مۇخبىرىمىز جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى ۋە زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلدى.

  ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىنىپ، كارخانا ۋە خەلققە قۇلايلىق يارىتىلدى

  «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گۇاڭخۇا مۇنداق دېدى: «نىزام» مۈلۈك ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىپ، نەپ يەتكۈزۈشنى يادرولۇق پرىنسىپ قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئاپپاراتى، تىزىملاش دەپتىرى، تىزىملاش ئاساسى ۋە ئۇچۇر سۇپىسىدىن ئىبارەت «تۆتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»كە ئالاقىدار روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىزىملاش قىلمىشىنى نۇقتىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تىزىملاش سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاشنىڭ كەسكىنلىكى، نوپۇزلۇقلۇقى ۋە ئىناۋىتىنى ئاشۇردى، بۇ كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاشنىڭ يادرولۇق قانۇن ئاساسى، كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قانۇن-تۈزۈم نەتىجىسى.

  زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى سىياسەت، قانۇن-تۈزۈم مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي لىخۇا مۇنداق دېدى: «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىدۇ، بولۇپمۇ تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان، ئايلىنىشى راۋان بولغان ھازىرقى زامان مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىگە قارىتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر