باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«يىپەك يولى» شاڭخەي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يېڭى كەيپىيات قوشتى

2014.12.19 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-دېكابىر قازاقىستان پايتەختى ئاستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زۇڭلىلىرى جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى قارشى ئالدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە كېڭىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۈرسەت بىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كەيپىيات قوشۇلدى دەپ ھىسابلىدى.

  ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە تۇنجى قېتىم يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغىنى بەرپا قىلىش تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغى بارغانسېرى كۆپ بۇ يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات قارىشى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن باغلاشتۇرۇلدى. بۇ،بىر تەرەپتىن يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. گۈزەل «جۇڭگو تەسەۋۇرى» ھەمكارلىق شېرىكلىرى پايدىنى كۆرەلەيدىغان، نەپكە ئېرىشەلەيدىغان رېئاللىقا ئايلانماقتا.

  جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنى بەرپا قىلىشى ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، شۇنداقلا كۈچلۈك خىمىيىلىك ئىنكاس بېرىدۇ.

  بىرىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر قەدىمى يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپادىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي چەمبىرەكنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە. تارىختا قەدىمىي يىپەك يولى شەرق غەرب مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان؛ نۆۋەتتە يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى بۇ يول بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  ئىككىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 13 يىل تىرىشىش ئارقىلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك مېخانىزىم ۋە ئىجادىي كۈچكە ئايلاندى. بۇ سۇپىدا يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنى بەرپا قىلىش يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە تۈرتكە بولىدۇ، بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە پۈتكۈل ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  بولۇپمۇ بەزى ئەزا دۆلەتلەر ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەسى بىر قەدەر كونا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان توسالغۇغا ئايلاندى. جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادىينىڭ ئېشىشى يېتەرسىز بولىۋاتقان ئارقا كۆرىنىشتە، رايون ئىقتىسادى، ھەتتا يەر شارى ئىقتىسادى ئېشىشىدىكى باشلامچىغا ئايلانماقتا. جۇڭگو ئۆتكەن ئايدا 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجىرتىپ«يىپەك يولى فوندى» تەسىس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يول بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بايلىق ئېچىشى قاتارلىقلارغا پايدىلىق. يىپىك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنىڭ قۇرۇلۇشى ئالاقىدار دۆلەت ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە غايەت زور نەپ ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا باشلامچى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى باغلىنىشلىق.

  بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئىككى چاق، بۇ ئىككەيلەن ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، بىرسى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ.

  ئىقتىساد جەھەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەمكارلىق مەزمۇنى تەدرىجىي بېيىدى ۋە دەرىجىسى ئۆستى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مول، رىقابەت كۈچىگە ئىگە جابدۇق، تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەشكە جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. رۇسىيەگە نىسبەتەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى بەزى ھەمكارلىق تۈرلىرى مەسىلەن نېفىت گازى تۇربا يولى قاتارلىقلارنى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇلۇشى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

  بىخەتەرلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىققەت قىلىۋاتقان يادرولۇق مەسىلە، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ساھەسىدە مول ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتى بىلەن ئەنئەنىۋىدىن باشقا بىخەتەرلىك تەھدىتى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ، بىخەتەرلىكنىڭ مەزمۇنى ۋە سىرتقا يامىرىشى يەنىمۇ كېڭەيدى، بۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە خىرسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشكە جىددىي مۇھتاج.

  نۆۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر مۇھىم تىنچ تەرەققىي قىلىش ھەمكارلىق كۈچىگە ئايلاندى، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئورتاق ساداغا ئايلاندى. ئىشىنىمىزكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، قاتناش تىرانسىپورتىنى قولايلاشتۇرۇش، سودا سېلىنمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزىمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا باشلامچىلىق قىلىپلا قالماستىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغىلى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەت خەلقىلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ رايون مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا تېخىمۇ قەتئىي ئاساس سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر