باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2015-يىلى بىر قىسىم مەسىلىلەر يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ

2014.12.19 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى كېلەي دەپ قالدى، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەمما خەلقئارا بىخەتەرلىك ئىستقبالىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىىسم ئىشلار، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم قىياسى مەسىلىلەر يەنىلا كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  1-«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» يۇقىتىلامدۇ-يوق؟

  مەنبەسى: 2014-يىلى ئىراق، سۇرىيە تەۋەسىدىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكى ئەسەبىي قۇراللىق كۈچ بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تېز سۈرئەتتە يامراپ، ئىراق، سۇرىيە تەۋەسىدىكى زېمىنلارنى بېسىۋالدى، رايون ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسى، خەلقئارا بىخەتەرلىك تەھدىدى پەيدا قىلدى.

  ھازىرقى ئەھۋالى: سۇرىيە ۋە ئىراق ئارمىيەسى، كۇرد قۇراللىق كۈچلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۈرماقتا. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت ئىتىتپاقى كۆپ قېتىم بۇ تەشكىلاتقا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتىنى توستى.

  قېيىن نۇقتا: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بىرشتە دۇچ كەلگەن ئاساسلىق مەسىلە- ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنىڭ 1-لىنىيەسىدە تۈرۋاتقان سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق باش رولچىسى ئامېرىكا سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشارنى تەختتىن چۈشۈرۈش ياكى ساقلاپ قىلىش مەسلىسىدە ئېغىر قارشىلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشقا ئامال بولمىدى. يەر يۈزى قىسمىنىڭ ماسلىشىشى كەمچىل، كۆپ دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى چەكلىك بولغاچقا، ئۇلارنى راستىنلا ئاغدۇرۇش تەس بولىۋاتىدۇ.

  ئىستىقبالى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بولغان كۆرەشتە، ئەگەر سۇرىيە ئارمىيەسى تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىيالمىسا شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەر كەڭ كۆلەمدە يەر يۈزى قىسمى ئەۋەتمىسە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى يۇقىتىش مۇمكىن ئەمەس.

  2- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەل قىلىنامدۇ-يوق؟

  مەنبەسى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىراننىڭ يادرو مەسلىسى ئىزچىل خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلدى، ئۇ خەلقئارا يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ئىستقبالىغا شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ھەل قىلىنسا، ئوخشاشلا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يۇشۇرۇنغان بىر ئۇرۇش پلتىسىنى يۇقاتقىلى شۇنداقلا ئىراننى ئۇزاقتىن بۇيانقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ.

  ھازىرقى ئەھۋالى: بۇ يىل 2-ئايدا ئىران-ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، گېرمانىيە بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش سۆھبىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغاندىن بۇيان، سۆھبەت ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، كۆپ قىسىم ئىختىلاپلار ھەل قىلىندى، مەسىلەن فۇردو يەر ئاستى يادرو ئەسلىھەسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، ئاراك ئېغىر سۇ رېئاكتورى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر قايسى تەرەپلەردە ئاساسى جەھەتتىن ئىختىلاپ بولمىدى.

  قىيىن نۇقتا: نۆۋەتتە ئىران يۇقارقى ئالتە دۆلەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك كىلىشىم ھاسىل قىلىشتا مۇنداق ئىككى ئېختىلاپقا دۇچ كەلدى. 1- ئىران ساقلاپ قالالايدىغان سېنتىرىفۇگ سانى، 2-مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىراننى جازالاشنى بىكار قىلىشى. كەلگۈسىدىكى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىران كەلگۈسى سەككىز يىل ئىچىدە ئوران قۇيۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى 190مىڭ 1-ئەۋلاد سېنترىفۇگ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما غەرب دۆلەتلىرى 4مىڭنى ساقلاش قىلىشنى قوبۇل قىلدى. ئىران دەرھال ياكى نەچچە يىل ئىچىدىلا ئىراننى جازالاشنى بىكار قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، غەرب بولسا، ئىراننىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدرىجىي بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  ئىستقبالى: 2015-يىلى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسل قىلىش- قىلالماسلىق ئاساسلىقى ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي خاھىشىغا باغلىق. خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى- ئىراننىڭ كېلەر يىللىق مالىيە كىرىمىنى زىيانغا ئۇچراتتى، بۇ قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بالدۇراق ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، جازالاشتىن قۇتۇلۇش. ئەمما ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىرلا ۋاقىتتا كېڭەش ئاۋام پالاتاسىغا يىتەكچىلىك قىلغانلىقتىن، زۇڭتۇڭ ئوباما دۇچ كەلگەن تۇسالغۇ تېخىمۇ كۆپ، سۆھبەت ئۈستىلىدە ئىرانغا يول قويۇش تېخىمۇ تەس.

  3-ئىبۇلا يۇقۇمىغا خاتىمە بېرىش-بىرەلمەسلىك.

  مەنبەسى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىبۇلا يۇقۇمى غەربىي ئافرىقىدا پەيدا بولدى ھەمدە تېز سۈرئەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە يامرىدى. بۇ ئىبۇلا ۋىرۇسى 1976-يىلى تۇنجى قېتىم بايقالغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېغىر، ئەڭ مۇرەككەپ بولغان بىر قېتىملىق يۇقۇم. 12-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان گۋىنىيە، لىبىرىيە، سىررالېئوندا نۇرغۇن گۇمانىي يۇقۇم بايقالدى، 18مىڭ 118 كىشىگە ئىبۇلا يۇقۇمى دەپ دىياگىنور قويۇلدى، 6533 كىشى قازا قىلدى. يۇقۇم ئەھۋالىنى قايسى ۋاقىتتا پۇتۇنلەي كونترۇل قىلىپ بولۇش- دۇنيانىڭ دىققتىنى تارتماقتا.

  ھازىرقى ئەھۋالى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، يېقىندا گۋىنىيە بىلەن لېبېرىيەدە يېڭى يۇقۇم سانى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقىتتىكىدىن زور كۆلەمدە تۆۋەنلىگەن، ئەمما سېررالىئوندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش يەنىلا يۇقىرى پەللىدە تۇرماقتىكەن. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق كۈچلۈك ئارىلىشى بىلەن يۇقۇم ئەھۋالى پەسىيىىشكە باشلىدى.

  قېيىن نۇقتا: ھازىر ئىبۇلا يۇقۇمىنى كونترول قىلىشنىڭ قېيىن نۇقتىسى ئاساسلىقى- يۇقىرىدا بايان قىلىنغان غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ چەكلىك بولغانلىقى، داۋالاش ئەسلىھەسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقىدا، بىر قىسىم مەھەللىلەردە خەلق ئاممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت ۋە كۆز قاراشتا چىڭ تۇرۋاتىدۇ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىمۇ داۋاملىق يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خېيىم-خەتىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  ئىستىقبالى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىبۇلا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، كېلەر يىلى ئاساسى جەھەتتىن يۇقۇمنى كونتىرول قىلىغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت تىرىشچانلىقنى بۇشاشتۇرۇپ قويماسلىقى، ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئازايىتماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئىبۇلا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى كۈچلۈك. پۇتۇنلەي ساقىيىپ كەتمىگەن كېسەلدىن يەنە قايتا يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  تۆتىنچى: ئۇكىرائىنا كىرىزىسى ھەل بولامدۇ يوق؟

  مەنبەسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇكىرائىنا ۋەزىيىتىدە تەۋرىنىش بولدى. يانۇكوۋېچ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، ئۆكتىچى گۇرۇھ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۋالدى؛ قىرىم ئۇكىرائىنادىن ئايرىلىپ چىقىپ رۇسىيەگە قوشۇلدى؛ شەرقى قىسىمدىكى دونتسېك ئوبلاستى بىلەن لۇگەنسېك ئوبلاستى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. كىيىۋ دائىرىلىرى ئەسكەر ئەۋەتىپ تېررورلۇققا زەربە بەردى. توقۇنۇشتا ئېغىر ئۆلۈم يېتىم بولدى. كىرىزىس ئۇكىرائىنانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋەتتى.

  ھازىرقى ئەھۋالى: نۆۋەتتە ئۇكىرائىنا كىرىزىسى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن شەرقى قىسمىدىكى ئەل ئىچى قۇراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى قۇراللىق توقۇنۇشتا ئىپادىلەنمەكتە.

  قېيىن نۇقتا: ئۇكىرائىنا دائىرىلىرىنىڭ مەيدانى شەرقىي قىسىمدىكى بەزى رايونلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىش، ئەمما دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، شەرقى قىسىمدىكى ئەل ئىچى قۇراللىق كۈچلەر باشتىن ئاخىرى مۇستەقىللىق تەشەببۇسىدا چىڭ تۇردى، مۇرەسسەلىشىشنى خالىمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىدىكى تۈپ مەنبە ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى بىلەن غەربىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، دىن، ئەنئەنە، ئۆرپ ئادەت ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق ساقلانغانلىقىدا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇكىرائىنادىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىمۇ نۆۋەتتە ھەل قىلىش تەس بولىۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى.

  ئىستىقبالى: سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش بىردىن بىر چىقىش يول. كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۇكىرائىنادا قارشىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ياراشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككىلا تەرەپنى قۇبۇل قىلغۇزىدىغان لايىھىنى تۈزۈپ چىقىشىتىن ئىبارەت، بولمىسا كىرىزىس كېلەر يىلى يەنە داۋاملىشىدۇ

  بەشىنچى: چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلىغىلى بولامدۇ-يوق؟

  مەنبەسى: چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتى چاۋشيەن، كورىيە، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياپونىيەگە چېتىلىدۇ. بۇ مەسىلە شەرقى شىمالىي ئاسىيا بولۇپمۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقئارانىڭ يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا بىر قانچە دۆلەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەمما ئالتە تەرەپ سۆھبىتى 2014-يىلى ئەسلىگە كەلمىدى.

  ھازىرقى ئەھۋالى: ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سۆھبىتى 2003-يىلى 8-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما 6- نۆۋەتلىك سۆھبىتى 2008-يىلى 12-ئايدا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسى توختاپ قالدى. 2009-يىلى 4-ئايدا چاۋشيەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 11-ئايدا رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ زىيارەتكە كەلگەن چاۋشيەنىڭ ئالى رەھبىرى كىم جۇڭئېننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈي رۇنخەي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، چاۋشيەننىڭ ئالدىنقى شەرت قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  قېيىن نۇقتا: ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىنقى شەرت قويدى. 2013-يىلى 2-ئايدا چاۋشيەن 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى، چاۋشيەندىن ئالدى بىلەن «كونكىرت» يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ «ئىشەنچىلىك» تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ 2005-يىلىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئىجرا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چاۋشيەن ئامېرىكىدىن چاۋشيەن بىلەن دۈشمەنلىشىش ھەمدە «شىمالغا تاجاۋۇز قىلىش» غەرىزىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىستىقبالى: كېلەر يىلى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىش مۈمكىنچىلىكىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيلىك جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشەنچىسى كەمچىل بولغاچقا، سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاش قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ.

  ئالتىنچى: يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدا يېڭى كېلىشىم ھاسىل بولامدۇ يوق؟

  مەنبەسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارا بوران، قېلىن قار، كەلكۈن، يۇقىرى تېمپۇراتۇرا، ئىس تۈتەكلىك ھاۋا، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ناچار ھاۋا رايى دۇنيادا كۆپ يۈز بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغبر تەھدىد پەيدا قىلدى. بۈگۈنگە قەدەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىش. يېڭى كېلىشىم 2020-يىلىدىن كېيىنكى بىردىن بىر قانۇنى چەكلىمىگە ئىگە يەر شارى كىلىمات كېلىشىمى بولىدۇ. ئەمما يېڭى كېلىشىم بۈگۈنگە قەدەر ھاسىل بولمىدى.

  ھازىرقى ئەھۋالى: بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنى پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى كېلىشىم ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەر قايسى مۇھىم ئامىللار يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى كېلىشىم لايىھىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئاساس سېلىندى، خەلقئارا جەمئىيەتكە 2015-يىلى يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئىجابىي سېگنال بېرىلدى.

  قېيىن نۇقتا: كۆپ يىللاردىن بۇيان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يېڭى كېلىشىم پەسەيتىش، ماسلىشىش، مەبلەغ، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلدى ھەمدە بۇ ئامىللار ئوخشاش مۇھىم دەپ ھىسابلاندى. ئەمما تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر پەسەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ماسلىشىش، مەبلەغ، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋەدە بېرىشنى خالىمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش لېكىن پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى، باراۋەرلىك پىرىنسىپى ۋە ھەر قايسى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدار پىرىنسىپىنى يېڭى كېلىشىمدە قانداق گەۋدىلەندۈرۈش مەسىلىسىدە چوڭ ئىختىلاپ ساقلاندى.

  ئىستىقبالى: نۇرغۇن دۆلەتلەر كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا پارىژدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئۈمىد باغلىدى. بۇ خىل ئۈمىد رېئاللىقا ئايلىنىشى مۈمكىن، ئەمما سۆھبەت ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، بۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىرادە باغلىشىغا، جاسارەتلىك بولۇشىغا ھەمدە تېخىمۇ جانلىق بولۇشىغا مۇھتاج.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر