- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىدا زادى قانداق سەۋەبلەر بار
2014.12.19 09:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئافغانىستاندىكى تالىبانلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى قايتىدىن يامانلىشىشقا باشلىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىككە ياردەم بەرگۈچى قىسىمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 31-دېكابىر توشۇشىغا ئەگىشىپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئافغانىستاننىڭ بارلىق بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بىراق، يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپەيدى، باشقا ئۆلكە رايونلار ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى، بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا ئېغىر خىرىسقا ئۇچرىدى. كابۇل ئافغانىستاننىڭ سىياسىي مەركىزى ۋە چەتئەللەرنىڭ كۆپلىگەن ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزەلدىن ئافغانىستان تەرەپ يۈكسەك ھۇشيار تۇرۇپ كەلگەن ئورۇن بولدى، بىراق 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىردىن بۇيان، كابۇلنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئاز دېگەندە 8 قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 28 كىشى قازا قىلدى. 12-ئايغا كىرگەندە، پايتەخت كابۇلنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە يەنىلا ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى. 11–دېكابىر ۋە 13-دېكابىر ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 17 كىشى قازا قىلدى.
پايتەخت كابۇلدىن سىرت، ئافغانىستاننىڭ بىر قانچە مۇھىم ئۆلكىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن بولۇپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپلەپ يۈز بېرىپ، تالىباننىڭ تەھدىت سېلىشى قايتىدىن باش كۆتۈردى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، تالىبان ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھىلماند ئۆلكىسىدىكى بىر قانچە رايوندا ھەربىي ئىشلار نىشانى بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغا ھۇجۇم قىلىپ، رايوننى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، تالىباننىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش كۆلىمى نەچچە يۈز كىشىگە يەتتى، ئۇرۇش قىلىش كۈچى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇردى، يىل ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار ئافغانىستاننىڭ پايتەختىگە يېقىن بولغان روگىر ئۆلكىسىدە قايتا تەكرارلاندى.
چەتئەللىكلەر، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ھەربىي ساقچىلار تالىبان قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئافغانىستان ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ 4 مىڭدىن كۆپرەك ئادىمى توقۇنۇشتا قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالىبان قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا كۆپلىگەن پۇقرالار يارىلاندى ۋە قازا قىلىدى، شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل قازا قىلغان ۋە يارىلانغان ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ سانى 3 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنكەن.
ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى 9-ئايدا زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن، ئافغانىستان جامائەتچىلىكى تىنچلىقتىن ئومۇمىيۇزلۇك ئۈمىد كۈتكەن ئىدى. بىراق يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى جىددىي يامانلاشتى.
ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ قېيىنغا توختىشى بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئافغانىستاندا تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئىنگلىزچە چىقىدىغان گېزىتى بولغان«ئافغانىستانغا نەزەر گېزىتىدە» مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە ئافغانىستان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قاچان قۇرۇلۇشى بىز تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
زۇڭتۇڭ بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئابدۇللا ئوتتۇرىسىدا كابىنېت نامزاتلىرى مەسلىسىدە بىر قەدەر ئېغىر تالاش-تارتىش ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتى ئىزچىل تۈردە ئارقىغا سۈرۈلۈپ، ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپ يەنىلا ھەل قىلىنمىدى. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى قىيىنغا توختىتىشى، كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مۇقىمسىز بولۇشى، بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەردە سىستېمىلىق باشقۇرۇش كەمچىل ۋە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش كەمچىل بولغانلىقتىن، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتىن سۆز ئىچىش قىيىنغا توختىدى.
چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولمىغانلىقىمۇ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىگە بېسىم بولدى. ئافغانىستان كابۇل ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سەيىد بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 10-ئايدا، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىلماند ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇردى، بىراق ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۆلكە يەنىلا تالىبان قۇراللىق كۈچلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان ئورۇن بولغان ئىدى.
ئۇندىن باشقا، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشىمۇ كەڭ دائىردە دىققەت قىلىنماقتا. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: يېقىنقى مەزگىلدە گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا ئارقا-ئارقىدىن 2014-يىلدىن كىيىن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي خادىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامامۇ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئشىلار ھوقۇقىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇلارمۇ ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ يەنىلا ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇندىن باشقا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كىيىن يەنە ئەسكەر قالدۇرۇپ قويۇشىمۇ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر سەۋەب بولدى. ئافغانىستان تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: 13 يىل داۋاملاشقان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا بۇ يەردىكى تېررورچى كۈچلەرنى يوقۇتالمىدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشى تالىباننىڭ غەيرىتىگە ئىلھام بەردى، شۇنداقلا ئافغانىستاندا قالدۇرغان خادىملىرى تالىباننىڭ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتىنى رەت قىلىشىغا باھانە بولدى. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنىڭ ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنى توختىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەرىكىتىمۇ تالىباننىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق تۆۋەن مۆلچەرلىشىدىكى يوشۇرۇن ئامىل بولدى.
سەيىد مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشدىن تالىبان قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ پوزىتىسىيەسى ئېنىق ئايان بولدى. بۇنىڭدىن، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە خىلى ئۇزاق يول مېڭىشغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش بوشلۇقىغا ئېرىشتى، شۇڭا، ئىچكى مۇناسىۋەت بىلەن تاشقى سىياسەتنى تېزدىن ئوڭۇشلۇق راۋانلاشتۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئاندىن كەلگۈسى تىنچلىق مۇساپىسىدە تىگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر