باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2014.12.19 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى 16-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، دۆلەت موداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنىستېتوتى قاتارلىق ئارمىيە بىلەن ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 100 ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقانلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نۇقتىسىدىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قاراش، دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مىللەتلەر مەسىلىسىگە قاراش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ئۈچ مەخسۇس تېما چۆرىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، جىددىيلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىنى تەتقىقاتنىڭ قىممەتلىك يۆنىلىشى قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر