- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەدلىيە ئورگانلىرى خۇگېجىلتۇ دېلوسىدىكى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فېڭ جىمىڭنى ئېلىپ كېتىپ تەكشۈردى
2014.12.22 00:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18-دېكابىر ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇقۇشىچە، خۇگېجىلتۇ دېلوسىدىكى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، كۆكخوت شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ جىمىڭ خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش گۇمانى بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان.
فېڭ جىمىڭ 1996-يىلى خۇگېجىلتۇ دېلوسى يۈز بەرگەندە كۆكخوت شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يېڭى شەھەر رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر