خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 9-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى قۇربانجان سەمەت ۋە كىتابتىكى بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
يۈ جېڭشېڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدىكى ئويلىرىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ئۇلارنىڭ يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتابتا يۈزدىن كۆپرەك شىنجاڭلىقنىڭ ئىچكىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى چىن ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغان. شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى رايونلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ، شۇ جايلارنىڭ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بىز ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بولغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە چوڭ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىچكىرىدىكى جايلارنىڭ ئالاقىسى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش داۋامىدا مىللەتلەرنىڭ ھېسسياتىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش قارشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتاب توغرىسىدىكى چاتما خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ دېققىتىنى تارتتى، ھازىر بۇ كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ۋاڭ جېڭۋېي بىرلىكتە كۆرۈشتى.( مۇخبىر ۋۇ جىڭجىڭ)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى