باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى شەھەرلەرنىڭ پىلان قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تىرىشىپ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشنى تەكىتلىدى

2014.12.17 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 15-16-دېكابىر خاڭجۇدا شەھەر پىلانى قۇرۇلۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەملىكەتلىك شەھەر پىلان قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر پىلانى قۇرۇلۇشىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم يوليورۇق كۆرسەتمىلەرنى ئەستايدىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، ئىدىيىۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، شەھەر پىلانى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ بىر يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈش. جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەھەر پىلانى قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر پىلانىنىڭ ئىلمىيلىقى، نوپۇزلىقى، جىددىيلىكىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش،باشلامچى بولۇش ۋە چەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ شەھەر لايىھىسىنى كۈچەيتىش، ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەش باھالاش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سېلىنمىنى كۆپەيتىش، شەھەر ئۇل ئەسلھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش، شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ تارىخىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، يەرلىك، مىللىي ۋە دەۋردىن ئىبارەت يادرولۇق ئامىللارنى پۇختا ئىگىلەپ، شەھەرلەرنىڭ ئېسىل ماركىسىنى يارىتىش، شەھەرلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي خاتىرىسىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېزا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قىياپىتىنى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەنت قەبىلىلەر ۋە ئەنئەنىۋى ئۆيلەرنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر