باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى

2014.12.17 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ياتسېنيوك تۈنۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈنۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا زىيارەتكە كەلگەن ياتسېنيوك بىلەن سۆھبەتلەشتى. ياتسېنيوك ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى يوق، لېكىن تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلارنى ئۇكرائىنانىڭ بۇ تەشكىلاتقا كىرىشتىكى پىلانى دېيىشكە بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇكرائىنا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك، سىياسىي، ئىقتىساد، ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشكىلاتقا كىرىش ئۆلچىمىگە يېتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، قانۇنغا ئاساسەن، ئۇكرائىنا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش كىرمەسلىكنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويىدۇ.

  ستولتېنبېرگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇش ھەققىدە چىقارغان تاللىشىنى قوللايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنانى سىياسىي جەھەتتىلا قوللاپ قالماستىن بەلكى ئەمەلىي ياردەم بېرىش ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ. بۇندىن باشقا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ئاساسىدا ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر