باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

2014.12.17 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كائېيدا تۈنۈگۈن پارتىيەنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. كائېيدا ئۈلۈشكۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋام پالاتا سايلىمىدا مەغلۇب بولغان ئىدى.

  كائېيدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېموكراتلار پارتىيەسى بۇ قېتىمقى سايلامدا ئېرىشكەن ئورۇن ئويلىغاندەك بولمىدى، پارتىيە باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قابىلىيىتىمنىڭ يېتەرسىزلىكى ئۈستىدە ئويلىنىمەن. يېڭى پارتىيە باشلىقىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىگە باشلامچىلىق قىلىپ كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلىككە كەلگەن يەرلىكلەر سايلىمىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دېموكراتلار پارتىيەسى بۇ قېتىمقى سايلادا 73 ئورۇنغا ئېرىشتى، بۇ سايلامدىن ئىلگىرىكىدىن 11 ئورۇن كۆپ، ئەمما يەنىلا ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر