لى كېچياڭ ئاستانىگە بېرىپ قازاقىستاندىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زۇڭلى يىغىنىغا قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانە، 14-دېكابىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 14-دېكابىر ئاستانەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ تەرەققىيات تەپەككۈرى ئوخشاش بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭ دائىرلىكى ۋە مۇھىملىقى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلمە سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشنى، ئېنىرگىيە، بايلىق ۋە باشقا چوڭقۇر پىششىقلاش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، يەرلىك ۋە ئىنسانىي ئالاقىنى قويۇلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە ھەمكارلىق يېڭى نۇقتىسىنى قېزىش كېرەك. جۇڭگو قازاقىستان ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۈزگەن «يورۇقلۇق يولى»پىلانىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ ھەم جۇڭگودا ياسالغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇش، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىدىن پايدىلىنىپ قازاقىستان بىلەن پولات-تۆمۈر زاۋۇتى، ئېلىكتىر ئىستانسىسى، تۆمۈر يول قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى جەھەتتە ھەمكارلىقنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇشنى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى ھەر خىل خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، تەڭ تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى