گېرمانىيە ‹‹ رەسىم گېزىتى ›› 18-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا پورتۇگالىيەلىك بىر ئايال زەھەرلىك چېكىملىكنى چېچىغا يوشۇرۇپ ئىسپانىيەگە ئېلىپ بارماقچى بولغاندا، ئايرودۇرۇمدا بايقىلىپ قولغا ئېلىنغان.
ئىسپانىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ ئايال ئۈچ ياشلىق قىزىنى ئېلىپ بىرازىلىيەدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىسپانىيەنىڭ مادرىد ئايرودۇرۇمىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆزگىچە چاچ پاسونى ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئايالنىڭ چېچى ئىچىگە يوشۇرۇنغان توققۇز قاپ ، 880 گىرام ئېغىرلىقتىكى كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەن ، بۇ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 65 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 467 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) ئىكەن.
ساقچى تەرەپ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زەھەرلىك چېكىملىكنى چاچ ئىچىگە يوشۇرۇپ چېگرىدىن ئۆتۈش تۇنجى قېتىم بايقالغا بولۇپ، ئىلگىرى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى كونسېرۋا قۇتىسى ۋە چاقلىق ئورۇندۇقلارغا يوشۇرۇپ چېگرىدىن ئۆتۈش قىلمىشلىرى كۆپ قېتىم بايقالغان. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، مادرىد ساقچى تەرەپ 2014-يىلى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان 300 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، جەمئىي 900 كىلوگرام كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەن.