باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنسىز «جۇڭخۈەننى ئىشغال قىلىش» ئاخىرلاشتى، شياڭگاڭ نورمال ھالەتكە قايتتى

2014.12.17 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، شياڭگاڭ، 15-دېكابىر تېلېگراممىسى. روژدېستۋو بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۇڭلوۋەننىڭ ھەممە يېرى بايراملىق كەيپىياتقا تولدى، ھەر قايسى چوڭ سودا ساراينىڭ ئىشىك ئالدى روژدېستۋو باش تېمىسىدا نەپىس زىننەتلەندى، مەيدان تازىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر دۇكانلارغا ئوقتەك ئېتىلىپ كىردى، دۇكانلارمۇ بايراملىق ئېتىبار سېتىش ئېلانلىرىنى چىقاردى.

  شياڭگاڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 15-دېكابىر توڭلوۋەندىكى رايوننى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، 80 كۈنگە يېقىن داۋاملاشقان «جۇڭخۈەننى ئىشغال قىلىش» قانۇنسىز يىغىلىشىمۇ ئاخىرلاشتى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ترانسىپورت مەھكىمىسى 15-دېكابىر مۇنداق دېدى:

  تۇڭلوۋەندىكى «جۇڭخۈەننى ئىشغال قىلىش»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ توسۇلغان يوللار قايتىدىن ئېچىلىپ، شياڭگاڭ ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە قايتىدۇ. شياڭگاڭ پۇل-مۇئامىلىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شياڭگاڭدا بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بانكا تىجارەت تور نۇقتىلىرىنىڭ مۇلازىمىتىمۇ شۇ كۈنى سائەت 12دە ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەن.

  يىخې كوچىسىدىكى ئىككى رەت ئاپتوموبىل يۈرۈش لىنىيەسىدە 15-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەر ئەتراپىدا قاتناش قاتناپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان شەھەر ئاھالىسى:« <جۇڭخۈەننى ئىشغال قىلىش> مەزگىلىدە ئۇزاق يول يۈرۈپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، كۈنلۈك ئىشقا بېرىپ-كېلىپ ۋاقتىمىز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەت سوزۇلۇپ كېتەتتى، ئىنتايىن قولايسىز ئىدى.» دېدى. دائىم شېنجېن بىلەن شياڭگاڭ ئارىسىدا قاتناپ خىزمەت قىلىدىغان گېڭ خانىم مۇنداق دېدى: ئىككى ئاي بۇرۇن شياڭگاڭغا كاماندۇرۇپكىغا كەلگىنىمدە دائىم قاتناش قىستاڭچىلىقىغا ئۇچرايتتىم، مېترونىڭ ئىچىمۇ بەك قىستاڭچىلىق بولۇپ، ئىنتايىن بىئارام بولاتتىم. «جۇڭخۈەننى ئىشغال قىلىش» بۈگۈن ئاخىرى ئاخىرلاشتى، بۇنىڭ شياڭگاڭ ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ياخشى خەۋەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر