باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2014.12.15 10:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ئەل ئىچى تەشكىلاتى، مۇتەخەسسلەر ۋە ئاددىي پۇقرالار تۆنۈگۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، كىشىلەرنى تارىخنى ياخشى ئويلىشىپ، تىنچىلىقنى قەدىرلەشكە مۇراجئەت قىلدى.

  ياپونىيەلىك مۇتەخەسسلەر توكيودا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تارىخى رېۋىزىئونىزىمغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى. پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئەزاسى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلغۇچى ئۇيىماتسۇئاۋ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ياپونىيە ئوڭ قانات كۈچلىرى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى ئىنكار قىلماقتا، ئەمما تارىخىي ماتىرياللار نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ھەتتا ياپونىيەنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي ماتىرياللىرىدىمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن تارىخىي ئەمەلىيەت ئالدىدا، ياپونىيەدە تارىخىي رېۋىزىئونىزىمىغا يۈزلىنىش توسالغۇغا ئۇچرىمىدى ۋە ئۆزگەرتىلمىدى.

  ياپونىيە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تارىخىشۇناسلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى زوراۋانلىق مەسىلىسىنى قانداق جازالاشنى مۇھاكىمە قىلدى. پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ «بىز ئابىشىنزونىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشنى كېرەك قىلمايمىز» دېگەن تېمىدا 14-دېكابىر توكيودا«تاجاۋۇزچىلىققا قارشى» نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

  ياپونىيە ئەل ئىچى تەشكىلاتى بولغان «ئوساكا شىر جەمئىيىتى»، ئوساكا خەلقئارا تىنچلىق مەركىزى قاتارلىقلار ئوساكا شەھەر باغچىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى. يىغىلىشنى تەشكىللىگۈچى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ياپونىيە ئوڭ قانات كۈچلىرى جۇڭگوغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى يوشۇرماقتا. سېستىمىلىق تەشۋىقات تەربىيەسى كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇن ياپونىيە ياشلىرى بۇ تارىخنى چۈشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، تارىخنى توغرا تونىغاندىلا، ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. كىشىلەر تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تارقىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر