باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى

2014.11.04 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ۋېي شاڭجىننىڭ مۆلچەرلىشىچە، كېلەر يىلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىمايدىكەن، ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.5 ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ جۇڭگونىڭلا ئەمەس، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىسلاھات پايدىسىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغانلىقىدىن بولدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىقلار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا ئوزۇق مۇددەت بىر قەدەر تېز ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بەردى.

  ۋېي شاڭجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نوپۇس پايدىسى ئازىيىش بىلەن بىرگە، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگوغا تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كەلدى. نوپۇس پايدىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا، ئۇزۇن مۇددەت كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇھىم ئامىللىق بازار ئىسلاھاتى، پۇل مۇئامىلە ۋە باشقا ئامىللىق بازارلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر