باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىمنى بەشىنچى تۈركۈمدە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى

2014.11.04 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى 2-نويابىر ئۆزىنىڭ تۇر بېكىتى ئارقىلىق ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ 5-تۈركۈمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرگۈچى ئاپتوموبىل ئەترىتى شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمىغا مىڭ توننىدىن كۆپرەك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ماددىي ئەشياسىنى يۆتكىدى.

  تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، 100دىن كۆپرەك ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن ياردەم بەرگۈچى ئاپتوموبىل ئەترىتى 2-نويابىر رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كىيىن ئۇكرائىنا تەۋەسىگە كىرگەن، ئاپتوموبىل ئەترىتى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۇنىستىك ئوبلاستى بىلەن لوگەنىسىك ئوبلاستىغا يۈرۈپ كەتكەن. ياردەم بېرىلگەن ماددىي ئەشيالار يېمەكلىك، دورا، يېقىلغۇ ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارى مىڭ توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لوگەنىسىك ئوبلاستى بىلەن دۇنىستىك ئوبلاستىغا ماددىي ئەشيالارنى يۆتكىگەن ئاپتوموبىل ئەترىتى يۈكنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئارقا-ئارقىدىن رۇسىيەگە قايتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر