باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن كورىيە دېڭىزدا بىرلىكتە چارلاشنى يولغا قويىدۇ

2014.11.04 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە دېڭىز ئوكيان سۇ مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىقى 3-نويابىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيە بۇ يىل ئىچىدە ۋاقىتلىق تەدبىر بەلگىلەپ سۇ ساھەسىدە ئورتاق چارلاشنى يولغا قويۇپ، قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا زەربە بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. ئورتاق چارلاشنىڭ كونكرېت كۈن تەرتىپىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كېڭەشكەندىن كېيىن بېكىتىدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى 2013-يىلى 6-ئايدا سۆھبەتلىشىپ، قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگو كورىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بېلىقچىلىق تەرتىپى ئورنىتىپ، قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشكە بىرلىكتە زەربە بېرىش ئىشىنى كېڭىشىپ بېكىتكەن ئىدى. ئىككى تەرەپ يەنە بۇ يىل 20-دېكابىردىن باشلاپ بېلىقچىلىق يۈك پاراخوتلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو بېلىقچى كېمىلىرى كورىيەگە تەۋە مەخسۇس ئىقتىسادى رايوندىن ئۆتكەندە جەزمەن بېكىتىلگەن جايدىن ئۆتىدۇ ھەمدە كورىيە بېلىقچىلىق كېمىلىرى مەشغۇلاتنىڭ قانۇنسىز ياكى قانۇنسىز ئەمەسلىكىنى بېكىتىدۇ دەپ بەلگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر