باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئالىملار: دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىدە ئەھمىيىتى زور

2014.11.04 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئائىت بىر قانچە زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كىيىن، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئالىملار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  ياۋروپا ئەقلى ئىسكىلاتى بولغان ياۋروپا دوستلۇق سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى سادا ئىسلام بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى يول خەرىتىسىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ، جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، ئاشكارىلاش، پاكلاشتۇرۇش، يۇقىرى ساپاغا ئىگە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يولغا قويىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  كامبودژانىڭ ئاسىيا ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قارشى ئاستىدىكى ئەدلىيە ئىسلاھاتى خاتىرجەم جەمئىيەت قۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، مەسئۇلىيەتچان ۋە ئاشكارا مەدەنىيەتكە قاراپ تاشلانغان مۇھىم قەدەم.

  قىرغىزىستانلىق سىياسىيون مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قاراردا ئاساسىي قانۇننىڭ يادرولۇق رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىكى تەكىتلەندى. بۇ ئادەتتىكى پۇقرالارنى قانۇن ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر