باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى جازا يۈرگۈزۈشتە ئارسالدا بولماقتا

2014.09.11 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا كېڭىشى 8-سېنتەبىر رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى كۈچەيتىش لايىھەسىنى ماقۇللىدى، نەچچە كۈن مۇزاكىرە قىلغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئاخىرى يېڭى جازا يۈرگۈزىدىغان بولدى.

  لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى باياناتتا يېڭى جازا تەدبىرىنىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىزاھات بېرىلمىدى، يېقىندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاخبارات ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ھەمدە بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە تىنچلىق پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى باھالاشقا ۋاقىت چىقىرىپ بېرىدۇ، دېيىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن پۈتۈن ياكى قىسمەن جازا مەزمۇنى باھالىنىدۇ.

  بۇ بۇ جازالاش لايىھەسىنىڭ يەنىلا مەقسەتلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەقىقىي جازالاش تەدبىرى نېمە ؟ زادى يولغا قويۇلامدۇ يوق؟ سىرتتىكىلەر بۇنىڭدىن گۇمان قىلماقتا.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 30-ئاۋغۇست ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا قاتتىق سۆزلەر بىلەن رۇسىيەنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن بۇيان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى قاتتىق جازاسىغا ئالاقىدار تۈرلۈك سۆز-چۆچەكلەر ئۈزۈلمىدى. لېكىن كونكرېت جازا تەدبىرى خەۋەر يەتكۈزۈش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالدى. 8-سېنتەبىردىكى ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى باياناتىدا كونكرېت جازالاش مەزمۇنى يەنىلا ئاشكارىلانمىدى، بىر خەۋەردە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ئەربابىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: يېڭى لايىھە بويىچە رۇسىيە نېفىت شىركىتى، رۇسىيە نېفىت تۇرۇبا تىرانسپورت شىركىتى ۋە رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى نېفىت شىركىتى قاتارلىق رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىدا مەبلەغ يىغىشى مەنئىي قىلىنىدۇ ھەمدە 24 كىشىنىڭ چېگرىدىن كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ، مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ.

  ئۇنداقتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەنى جازالاش تەدبىرى چىقىرىشقا شۇنچىۋالا ئىككىلىنىپ كېتىدۇ؟ بۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقى رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇقىمسىز ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى جازالاش مەسىلىسىدىكى تەدبىرىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى مۇشۇ ئايىنىڭ 5-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، 6-سېنتەبىر رۇسىيە زۇڭتۇڭ پوتىن بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن كېيىنكى ئىككى كۈندە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بەزى رايونلاردا يەنە ئۇرۇش بولدى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئەلئارا قوراللىق كۈچلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى . بۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا قارا تۇمان پەيدا قىلدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ رۇسىيەنى جازالاش، جازالىماسلىق توغرىسىدا ئىختىلاپ بار. بۇ قېتىمقى يېڭى جازالاش لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر رۇسىيەگە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتتى، ئەمما ۋېنگرىيە، سىلاۋاكىيە قاتارلىق رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تايىنىدىغان دۆلەتلەر ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى. 7-ئاۋغۇست رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازالىشىغا قارشى تەدبىر چىقارغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە مېۋە -كۆكتات ئېكسپورت كارخانىلىرى زىيانغا ئۇچرىدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىتتىپاق ئىچىدىكى سۈتچىلىك، بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرگە تولۇقلىما بەردى. رۇسىيە 8-سېنتەبىر مۇنداق دەپ بېشارەت بەردى: ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جازانى كۈچەيتسە، رۇسىيە غەرب ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئايروپىلانلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا تەۋەسىدىن ئۆتىشىنى مەنئىي قىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن بەزى ئەمەلىي كۈچى ئاجىز غەرب ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى زەربىگە ئۇچرايدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇشۇنداق زور بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدىغان ئەرزىمەيدىغانلىقىنى دەڭسەپ باقسا بولىدۇ.

  8-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىنگىچە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە رۇسىيەنى جازالاش ھەققىدە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىنمىدى. بەزى ئەزا دۆلەتلەر جازانى ۋاقتىنچە توختىتىش، توختاتماسلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ياكى جازانى يولغا قويۇش ياكى جازانىڭ چېكىنىش مېخانىزمىنى ئېنىق بېكىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن 8-سېنتەبىر كەچ سائەت 6دە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى يەنە بىر قېتىم جىددىي كېڭەشتى. ئاخىرىدا ماقۇللانغان جازالاش لايىھەسىدىمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئەندىشىسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. گەرچە رۇسىيەدىكى چوڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتىگە ھاياتلىق يولى بېرىلدى، بۇ شىركەت دەل ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت. بۇنىڭدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىنىڭ مەلۇم ئىلاستىكىلىق بوشلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر