باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختالدى

2014.09.11 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھەمدە تاجىكىستان، مالدېۋى، سىرىلانكا، ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چېڭ گوپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە نۆۋەتتىكى زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئۇندىن باشقا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە مالدېۋى، سىرىلانكا، ھىندىستان قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ، ھىندىستان جۇڭگونىڭ مۇھىم قوشنىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ليۇ جيەنچاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ تەرەققىياتى بىر بىرگە مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

  چېگرا مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت سۆھبەتلىشىش ۋەزىيىتى ساقلىدى، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىدى. ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم بولدى ھەمدە يېڭى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. زىيارەت مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىدا جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئاسىيانىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلەيدۇ، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا قىلىدىغان زىيارىتىدىن ناھايىتى زور ئۈمىد كۈتمەكتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر