باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەئىس شى جىنپىڭ دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2014.09.11 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى تورنىڭ سىمىت، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى رايىس، ھىندىستان زۇڭلىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى دوۋار بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن تورنىڭ سىمىتنىڭ جۇڭگوغا يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەر بازارلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ، دانىيە ئالاقىدار ساھەلەردە ئۆزگىچە تەجرىبە ۋە تېخنىكا ئۈستۈلۈكىگە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە خادىم ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قوللاپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ئورنىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، دانىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ۋە جۇڭگو بىلەن شىمالىي ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىدا باشلامچىلىق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تورنىڭ سىمىت مۇنداق دېدى: دانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا، يېڭى ئېنېرگىيە، سۇ بايلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ياۋروپانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى رايىس بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن رايىستىن زۇڭتۇڭ ئوباماغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ 11-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ھەمدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن، ئۇنىڭ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن. ھازىرقى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى توقۇنۇشمايدىغان، قارشىلاشمايدىغان، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە غەلبە قىلدىغان يولدا داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، سۈركىلىشنى ئازايتىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا بوشاشماي تىرىشىش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد سودا، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ كېلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. رايىس مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئوباما ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھازرىقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ. ھازىرقى ھەرخىل دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارنى ھەل قىلىشتا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىقى كام بولسا بولمايدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدۇ. زۇڭتۇڭ ئوباما بۇ يىل 11-ئايدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى كۈتمەكتە.

  رەئىس شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى دوۋار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7-ئايدا مەن زۇڭلى مودى بىلەن بىرازىلىيە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈشتۈم، مەن زۇڭلى مودى بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆزلەشتىم، بىز نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ دەپ ھېسابلايمىز. مەن يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، زۇڭلى مودى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، ھەمكارلىشىش، تەرەققىي قىلىش پىلانلىرىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈتمەكتىمەن.

  دوۋار زۇڭلى مودىنىڭ شى جىنپىڭغا ئەۋەتكەن ئاغزاكى خېتىنى يەتكۈزدى. مودى ئاغزاكى خېتىدە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى، دوستلۇقى ۋە ئىشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەزمۇن قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم نامايەندە بولىدۇ. دوۋار مۇنداق دېدى: ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە بۇنى كۈتىۋاتىدۇ. ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، زىيارەتنىڭ غەلبىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھىندىستان بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر