باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيەدە نېمە ئۈچۈن ئىككى ھۆكۈمەت بارلىققا كېلىدۇ؟

2014.09.11 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيەدە كازافىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغاندىن كىيىن، بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلاشتى، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى يامرىدى. يېقىندا بۇ دۆلەتتىكى قارشىلىشىۋاتقان گۇرۇھلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ، كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن بىر دۆلەتتە ئىككى ھۆكۈمەت بارلىققا كەلدى. ئۇنداقدا لىۋىيەدە نېمە ئۈچۈن ئىككى ھۆكۈمەت بارلىققا كېلىدۇ؟.

  لىۋىيە ۋەزىيىتىدە يېقىندا كومېدىيەلىك ئۆزگىرىش بولدى. لىۋىيەنىڭ سابىق خەلق پارلامېنتى 25-ئاۋغۇست پايتەخت تىرىپولىدا پارلامېنت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ، سابىق پارلامېنتنىڭ 70 ئەزاسى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئابدۇللا، سانىنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى ھەمدە ئۆمەر ھاشىمنى يېڭى زوڭلىققا تەيىنلەپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەشنى قارار قىلدى. بۇ تۇيۇقسىز چىقىرىلغان قارار لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى تۇربگى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى سانىنى تەمتىرىتىپ قويدى. ئۇ لىۋىيە پارلامېنتى بولغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى ئاكىرا سالىھ ئېھسانغا ھەمراھ بولۇپ ئاچقان مۇخبىرلار يىغىنىدا، سابىق خەلق پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارنىنىڭ قانۇنلۇقىغا رەددىيە بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى لىۋىيەنىڭ بىردىن بىر قانۇنلۇق ئورگىنى دېدى.

  لىۋىيەدە نېمە ئۈچۈن ئىككى ھۆكۈمەت بارلىققا كېلىدۇ؟. بۇنىڭدا زادى قانداق ھوقۇق تالاش-تارتىشى بار؟. بۇ مەسىلىگە جاۋاب قايتۇرۇشدا ئالدى بىلەن ھەفتەر ئىسىملىك ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوفىتسېر ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ھەفتەر كازافىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى، بىراق چادغا تاجاۋۇز قىلىشدا ئەسىرگە چۈشكەنلىكىدىن كازافى تەرىپىدىن سىرتتا قالدۇرۇلغانلىقتىن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا ئۆتۈپ تايانچى ئەربابقا ئايلانغان.ھەفتەر دىندىن خالىي گۇرۇھىنى قوللىغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىك ئەربابى، چۈنكى ئۇ دىنى كۈچ يېتەكچىلىك قىلغان خەلق پارلامېنتىدىن نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل 3-ئايدا دىندىن خالىي گۇرۇھنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. غەرب تاراتقۇلىرى ئۇنى لىۋىيەدىكى سېسى دەپ ئاتىغان. ھەفتەر ئارمىيەسى ھۆرمەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ بەنغازىدىكى ئىسلام خەلق ئەسكىرى قۇراللىق كۈچلىرىگە قارىتا بىر قېتىم شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. دىندىن خالىي گۇرۇھى يېتەكچى قىلىنغان خەلق قۇرۇلتىيى ھەفتەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئاشكارا قوللىغانلىقتىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ئىسلام خەلق ئەسكىرى قۇراللىق كۈچلىرى لىۋىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋىيەنىڭ ئۇچۇنچى چوڭ شەھىرى مىسۇراتدىكى لىۋىيەنىڭ كەلگۈسى ناملىق قۇراللىق كۈچلەر پايتەخت تېرىپولى ئايرودرومىنى قورشاۋ ئىچىگە ئېلىپ، بۇ ئايرودرومنى ساقلاۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن ئايرودرومنى تالىشىش ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىسۇرات- لىۋىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چوڭ لاگىرى بولغان. يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، لىۋىيەنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە زور بۇرۇلۇش بولغان. ھەفتەر ئارمىيەسى ئەنسارى بىرگادىيسىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ ئۇنى چېكىندۈرۈپ، ئۇنىڭ بەنغازىنىڭ غەربىيدىكى چوڭ لاگىرىنى ئىگىلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قىسىمنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، لىۋىيەنىڭ كەلگۈسى قۇراللىق كۈچلىرى 23-ئاۋغۇست تېرىپولى ئايرودرومىنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

  ھەفتەرنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشى مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغانلىقتىن، دىندىن خالىي گۇرۇھلار ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پاناھلىقى ئۇستىدە ئىزدەنگەن. لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى 13- ئاۋغۇست شەرقىي قىسمىدىكى تۇرفۇگىدا 1-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنتتىكى 104 ئەزانىڭ 102 قەبىلە خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق كۈچلىرىنى قۇرالسىزلاندۇرۇشنى قوللىغان، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا قارتا ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىشنى مۇراجەت قىلىشنى قارار قىلغان. لىۋىيەنىڭ كەلگۈسى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى 23-ئاۋغۇست خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ لىۋىيەگە ئارىلىشىشنى ماقۇللانغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. 24-ئاۋغۇست، لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەنىڭ كەلگۈسى قۇراللىق تەشكىلاتى بىلەن ئەنسار بىرگادىسىنى تېررورچى تەشكىلاتلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزدى، ھەمدە لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئىلىپ بېرىشقا ھوقۇق بەردى. شۇ كۈنى، خەلق قۇرۇلتىيى رازاج نادخونى دىنى كۈچلەرنى قوللايدىغان سابىق باش شتاب باشلىقى ئوبدنىڭ ئورنىغا خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش شتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. بۇ قارار لىۋىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىغا ئۆزگىرىشىگە تۇرتكە بولدى. مەيلى لىۋىيەدىكى جامائەتچىلىك بولسۇن مەيلى خەلقئارانىڭ تەسىرى جەھەتتىن بولسۇن، بۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنى كۈچلەرگە ناھايىتى پايدىسىز بولدى. شۇڭا، دىنى كۈچلەر قولدىن كەتكەن سىياسىينى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تىرىشتى. 25-ئاۋغۇست سابىق خەلق پارلامېنتىنىڭ 2011-يىللىق ئىنقىلابى غەلبە مېۋىسىنى قوغداش نامى بىلەن يىغىننى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ، يېڭى پارلامېنتىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، كازافى ھاكىمىيىتى كۈچىنى ئەسلگە كەلتۈرۈش سۈيقەستىدە بولدى دەپ ئەيىبلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ھوقۇق تالىشىشدىن كېلىپ چىققان ئىچكى ئۇرۇش-بىرلا ۋاقىتتا تېررورلۇققا ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بولۇندى. گەرچە ئىككى ھۆكۈمەت بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق لىۋىيە خەلقى بۇنىڭغا ئەنچە كۆڭۈل بىلىپ كەتمىدى. نۇرغۇنلىغان لىۋىيەلىك مۇساپىر تۇنىس لىۋىيە چېگراسىدىكى راسجىدىر چېگرا ئېغىزىغا يۆتكەلدى. ئۇلار پارچىلىنىش ھالىتىدە تۇرغان بۇ دۆلەتتىن تېزراق ئايرىلىشنى ئۈمىد قىلدى. پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيتساق، ئىككى دۆلەت خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بولۇپ، تېخىمۇ چوڭ توقۇنۇش بىلەن ئاپەتكە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر