باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىق ئىككى مۇخبىرنىڭ كاللىسى ئىلىندى

2014.09.11 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 4- سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: لىۋانت ۋە ئىراق ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتى ئامېرىكىلىق 2 مۇخبىرنىڭ كاللىسىنى ئالغانلىقىنى توغرىسىدىكى ۋىدېيونى تارقاتقاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم زىلزىلە قوزغىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما قاتىلنى قانۇن تورىغا ئالدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ھەرىكەت قوللىنىپ ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن قارشىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  بۇ ۋەقەنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون كۈچلۈك ئەيىبلىگەن، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بۇنى قەبىھ ھەرىكەت دەپ شەرھلىگەن. فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇمۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ چېكىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسەتتى، شۇڭا قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر