باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەنلىكىنى قارشى ئالدى

2014.09.11 15:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق مىللىي خەلق ئۈلۈشكۈن ئابادنىڭ رەسمىي زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشىنى تەستىقلىدى ھەمدە ئاباد تاپشۇرغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك كابىنېتىنىڭ زور كۆپ سانلىق ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ئىراق خەلق پارلامېنتى ماقۇللىغان ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت پىلانىنىڭ دەل ۋاقتىدا يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: ئابادنىڭ غەلىبىلىك يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەنلىكىنى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۈلۈشكۈن ئاباد بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر