باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تالىباننىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئافغانىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى

2014.09.11 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان زۇڭتۇڭى سايلىمىدا كېلىپ چىققان قارىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خەلقئارادا ئافغانىستاندا ئىراقتىكى ۋەزىيەت تەكرارلىنىپ، ئىراقنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ قىلىشدىن ئەندىشە قىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

  ئىراق بىر يامان ئۇلگە بولۇپ قالدى، سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇش ئىچىگە كىرىپ قالدى، ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى. ئافغانىستان نۆۋەتتە ئوخشاشلا مەسىلىگە دۇچ كەلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى چوڭ كۆلەمدە ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كىيىن، تالىپان قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكتىن، سىياسىي ۋەزىيىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ھوقۇق بوشلۇقى ئافغانىستاننى قالايمىقانچىلىق ئىچىگە ئىلىپ كىرەمدۇ؟، تالىپاننىڭ تەھدىتى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئاپەت ئىلىپ كېلەمدۇ؟.

  ئافغانىستانغا بولغان ئەنىشە ، بۇ دۆلەت ئىراقتىن كېيىنكى ئاپەتكە ئايلىنامدۇ دېگەن نۇقتىغا مەركەزلەشتى.

  بۇ يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىراق ئۆتكۈزگەن خەلق پارلامېنتى سايلىمىدا قاتلام ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش خىيالىدا بولغان مالىك كۆپلىگەن پارتىيەلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، بىر قانچە ئاي ھوقۇق تالىشىش، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئامېرىكىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، مالىك داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش خىيالىدىن ۋاز كەچتى.

  ئافغانىستان ئوخشاشلا بۇ يىل 4-ئايدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ھازىرغىچە قاتلام ھالەتتە تۇرماقتا. 1- نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە، نامزاتلار يېرىمدىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ئاۋازغا ئېرىش سانى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا بىلەن سابىق مالىيە مىنىستىرى غەنى 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى، بىراق 6-ئاينىڭ 14-كۈنى 2- نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشدىن كىيىن، ئابدۇللا سايلامدا كۆز بۇيۇمچىلىق قىلىندى دەپ ئەيىبلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇش ئارقىسىدا، ئافغانىستان سايلام كومىتېتى 8 مىليون سايلام بېلىتىنى قايتىدىن قاراپ چىقتى، بىراق نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەسلىدە 25-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى بۇنىڭ بىلەن 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ئارقىغا كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنكەن.

  2-جىسىگە ئوخشاش، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىراقتىكى ئاپەت بولۇپ بىر چوڭ ئاپتونومىيە ئەمەلىي گەۋدىسىگە ئايلاندى، بىراق تالىپاننىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى ئافغانىستان يولۇققان تەھدىتكە ئايلىنىپ، زور قىسىم زېمىنى ئىگىلىدى.

  ئافغانىستان ئىراقنىڭ كېيىنكى ئىزدا ماڭامدۇ ؟.

  ئافغانىستان ئىراقنىڭ ئىزىدا ماڭىدۇ دەپ قارىغۇچىلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئافغانىستان پۇشتۇلار ئاساس قىلىنغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ ھەتتا بىر بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىش كەيپىياتى ساقلانغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. ئۇزاق ۋاقىت تىركىشىشى ئارقىلىق، ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى تەل توكۇس تۆۋەنلىدى، مەيلى كىمنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق ئەھۋالدا زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقى داۋاملىق ئاجىزلىشىشى مۇمكىن. كەلگۈسىدە ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى پارتلاپ، دۆلەت پارچىلىنىشى مۇمكىن.

  كېيىنكى قاراشتىكىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئافغانىستان بىلەن ئىراقنى بىرلەشتۈرۈش ئانچە توغرا ئەمەس. چۈنكى ئافغانىستاندا ئىراققا ئوخشاش سۇنئى ۋە شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ تالاش تارتىش قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان، ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيەت تالىشىشى يەتتە مىللەت ئوتتۇرىسىدا داۋالىشىپ كەلدى. پوشتۇلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئەمما،بىر قانچە مىللەتمۇ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ تۇردى.

  9-ئاينىڭ 4-،5- كۈنلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ۋېرشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك قىسىمىغا قانچىلىق ياردەم بېرىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تېما بولىدۇ. ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشىنى رەت قىلدى، بۇنىڭدىن سەۋەب ۋاشىنگتون تەرەپ بىلەن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى جەھەتتە ئىختىلاپ ساقلانلىقدىن بولدى.

  بىراق تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا قىسىم چېكىنگەندىن كىيىن، ئافغانىستان چەتئەل قىسىملىرىنىڭ تىنچلىقىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئىككى زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزىلەر ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا ئاساسلىقى رايون دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆپ دۆلەت قىسىمىنى قويۇشنىڭ ئەڭ يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  نۆۋەتتە ھەل قىلىش ئەڭ جىددىي بولغان مەسىلە، بىر زۇڭتۇڭنى سايلاپ، ھوقۇق بوشلۇقىنى تولدۇرۇشدىن ئىبارەت. مۇتەخەسسىسىلەر مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ئاساسىي كەڭ بولغان ئەخلاق ۋە ئىقتىدار ئاساسىدىكى ھەقىقى كۆپ مىللەت ئاساسىغا ئورنىتىلىشى كېرەك.

  بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارشى تېخىمۇ كەڭ بولدى. ئۇلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىسىنى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئەدلىيە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت كەلگۈسى پىلانىغا قاراتمىدى.

  ئۇنىڭ ئۈتىگە ئافغانىستان دۇنيادا ئەپيۈن ۋە نەشە مەھسۇلاتى ئەڭ كۆپ دۆلەت، سەللا دىققەت قىلىنمىسا، ئافغانىستان زەھەر تېررورلۇقى يامرايدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر