- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مىسىر سوتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىگە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى
2014.09.02 11:06 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
شىنخۇا تورى ، قاھىرە ، 30-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 30- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مىسىر گىزە جىنايى ئىشلار سوتى شۇ كۈنى مۇسۇلمان قېرىنداش جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنىغا قوماندان قىلىش ئىدارىسىنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد باياد قاتارلىق سەككىز ئادەمگە ئۆمۈرلۈك قاماش جازاسى بەرگەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ ، بۇ يىل 6-ئايدا باياد قاتارلىق سەككىز ئادەمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىلگەن ھۆكۈم بولۇپ ، گىزە جىنايى ئىشلار سوتى يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئالتە ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىسىغىمۇ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان .
بۇ يىل 6-ئايدا ، گىزە جىنايى ئىشلار سوتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ 14 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ ، جىنايىتىنى بۇلتۇر 7–ئايدا گىزە ئۆلكىسىدىكى بىر مەسچىت ئەتراپىدىكى توقۇنۇشتا قۇتراتقۇلۇق قىلغان ، دەپ بېكىتكەن . گىزە جىنايى ئىشلار سوتى دىنىي داھىي مۇھتىنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن ، ھۆكۈمگە قارىتا يۇقىرىقىدەك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان .
مىسىر ئارمىيە تەرەپ بۇلتۇر 7–ئايدا زۇڭتۇڭ مۇرسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن بۇيان ، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى توختىماي قارشىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان . بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مىسىر ئارمىيە–ساقچلىرى مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىككى لاگىرىدا تازىلاش ئېلىپ بارغان ، بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىدە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلغان . ئۇنىڭدىن كېيىن ساقچى تەرەپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ زوراۋانلىققا چېتىشلىق ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئالغان . بۇلتۇر 12–ئاينىڭ 25-كۈنى مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى تېررورلۇق گۇرۇھ دەپ بېكىتكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر