باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىگەر ياللۇعى بىمارلىرى ھاراق تاشلاپ گۇرۇچ كېپىكى يەپ بېرىشى كېرەك

2014.09.01 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاراق ئادەم ئورگانىزمىغا كىرگەندىن كېيىن جىگەر ئارقىلىق زەھەرسىزلەندۈرۈلىدۇ. بۇنداق ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا شەكىللىنىدىغان ئىېتىل ئالدېھىد ئادەم ئورگانىزمىنى كۈچلۈك زەھەرلەپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ھەم جىگەر ھۇجەيرىلىرىدە ياغنى چۆكمىلەندۈرىدۇ، يەنە جىگەر ھۇجەيرىلىرىنى ياللۇغلاندۇرۇپ ياكى نېكروزلاندۇرۇپ، جىگەر توقۇلمىلىرىنىڭ تالالىشىنى تېزلىتىپ، ئاخىرىدا جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ ئاساستا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاستا-ئاستا جىگەر راكىغا يول ئاچىدۇ. شۇڭا، جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ھاراققا قەتئىي يېقىن يوللىماي، مۇۋاپىق مىقداردا گۈرۈچ كېپىكى يەپ بېرىشى كېرەك.

  گۈرۈچ كېپىكى تەركىبىدە B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىن مول بولۇپ، جىگەرنى قوغداشتىكى بىردىنبىر تەبىئىي دورا. جىگەر كېسىلى ياكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېننى ئۇزۇن مۇددەت ئېلىپ يۇرگۇچىلەر ئەگەر بىر مەزگىل گۈرۈچ كېپىكىنى كۈندىلىك تاماققا نورمال مىقداردا قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىدۇ، مانا بۇ جىگەر ياللۇغىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، جىگەر ياللۇغىىنىڭ جىگەر راكىغا تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر