باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈردى

2014.09.02 09:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 30-،31-ئاۋغۇست شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاختا نىشان باھاسى ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش- يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىدا مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى زور تەدبىر، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چېڭىتىپ، مەشغۇلات چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئاقسۇ، ئوتۇن كوزا، سانجى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دېھقانلار ئۆيلىرى، بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، پاختا زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتى، توقۇمچىلىق كارخانىلىرىغا بېرىپ، ئاساسى قاتلامدىكى كادىرلار ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات سىناق خىزمىتىگە بولغان پىكىر تەكلىپىنى ئىگىلىدى. ئۇ بۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزدىكى پاختا مەھسۇلات مىقدارى بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قەدەر چوڭ يىتەرسىزلىكنى تولۇق تۇنۇشىمىز كېرەك، مەملىكەت ئىچىدىكى تەلەپ بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن جىددى. بازار ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، بازارنى تەڭشەپ كونترول قىلىشنى ياخشى ئىشلەش، پاختا ئېكىسپورتى ۋە زاپاس پاختىنى قويۇۋېتىشنىڭ ئېنىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، بازار مۆلچەرىنى كۆپەيتىش كېرەك. سېتىۋېلىش مەبلەغ تەمىناتىنى ياخشى ئىشلەپ، پاختا كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپ بازارغا كىرىشىنى قوللاپ، پاختىكارلارنىڭ پۇرسەتنى تاللاپ پاختا سېتىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ۋە پەسەيتىپ، بازارنىڭ مۇقىم يۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر