باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت 1-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە ئەسلىھەلىرىنى ئېلان قىلدى

2014.09.02 09:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 1- تۈركۈمدە 80 ئورۇندىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە ئەسلىھەلىرى، خارابىسىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى؛ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 1-تۈركۈمدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى 300 نەپەر داڭلىق قەھىرمان ۋە قۇرباننىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار ياپون تاجاۋۇچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە ئەسلىھەلىرى، خارابىلىكىنى قوغداش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە ئەسلىھەلىرى، خارابىلىكىنىڭ تارىخىي مەزمۇنى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، ئاممىۋى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتىگە كەڭ دائىرىدە تەشكىللەش كېرەك، ئامما بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ياپون، فاشىسىزىم تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايىتىنى تولۇق ئېنىق تونۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇپ، باتۇرلۇق بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش تارىخى ھەمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ فاشىسىزمغا قارشى ئۇرۇشتا زور قۇربان بەرگەنلىكى ۋە ئۇرۇشتىكى ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىسىنى مەھكەم ئېسىمىزدە ساقلاپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىنقىلاۋى قۇربانلىرىنىڭ قەھىرمان ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش كېرەك، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە نۇرلاندۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى كۈچلۈك روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر