باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-سانلىق يىغىنى يېپىلدى

2014.09.02 09:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنى 31-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا يېپىلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارى، سۇغۇرتا قانۇنى قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ئۇنىۋېرسال سايلاش مەسىلىسى ھەم 2016-يىللىق قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ھەققىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى تەسىس قىلىش ھەققىدىكى قارارى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش ھەققىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرقى ۋەكىلى 2974 بولدى.

  يىغىندا يەنە ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى. يىغىندا تۈرلۈك ئاۋازغا قويۇش ئىشلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، جاڭ دېجياڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى-شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ئۇنىۋېرسال سايلاش مەسىلىسى ھەم 2016-يىللىق قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ھەققىدىكى قارارىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاش بولدى. بۇ-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى ھەققىدە قانۇن بويىچە چىقارغان يەنە بىر مۇھىم قارارى بولۇپ، بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم، شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنى ھەم شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىيەسىنى تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش، 2017-يىللىق باش مەمۇر ئۇنىۋېرسال سايلىمىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر