4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹ جۇڭگو–چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى ›› نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ‹‹ مەڭگۈلۈك يىپەك يولى ›› باش تېما قىلىنغان مۇزىكا كېچىلىكى 1-سېنتەبىر شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى .
شۇ كۈنى كەچتە ، شىنجاڭلىق ھازىرقى زامان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ۋاڭ خۇڭۋېي ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ داڭلىق دىرىژورى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك دىرىژور ، دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسى ، شىنجاڭ كۈي سۆيەر ئوركېستىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، دائىمىي دىرىژور ئابدۇراخمان ئايۇپ ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10 كۆزگە كۆرۈنگەن ياشنىڭ بىرى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، داڭلىق ئىسكىرىپكا ئورۇندىغۇچى ، جۇڭگو سىمفونىيەلىك ئوركېستىرىنىڭ باشچىسى لىيۇ يۈنجى ، دۇنياغا داڭلىق ئايال يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ، ئوپېرا ئارتىسى ، فىنلاندىيە دۆلەتلىك ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئۆمۈرلۈك يالغۇز كىشلىك ناخشىچىسى ، جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان پىروفېسسورى دىلبەر يۈنۈس قاتارلىقلار ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنداپ ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .