خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسى «زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رېئايە قىلىش بويىچە ۋەدە بېرىش» يىغىنى ناھىيەلىك خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى، دىنىي زاتلار، تىجارەتچى، پىنسىيەگە چىققانلار ۋەكىللىرى ۋەدە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىناق، تىنچ ئونسۇ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ھەم 10 مىڭ كىشىلىك ئىمزا قويۇش پائاليىتى ئېلىپ باردى.
سۈرەتتە: پائاليەتتىن كۈرۈنۈشلەر.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى