باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خامچوت قانۇنىغا 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش تاماملاندى

2014.09.02 09:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆت قېتىم قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، خامچوت قانۇنىغا 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش تاماملاندى. 31-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنىدا خامچوت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن خامچوت قانۇنىنى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن خىزمىتى كومىتېتى ئىقتىساد قانۇن ئىشىخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چاۋيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈش خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش نازارەت قىلىشىنى كۈچەيىتتى، بۇ ئاساسلىقى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۈش تەلەپ قىلىنغان خامچوت لايىھەسىنى يەنىمۇ تەپسىلەشتۈرۈش، خامچوتنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئالايلوق خامچوت «ئېنىق بولماسلىق»، «چۈشەنگىلى بولماسلىك» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى خامچوت قانۇنىنىڭ خامچوت تۈزۈش باسقۇچىدا ھەر دەرىجىلىك خامچوت چىقىملىرىنىڭ فونكىسىيەسى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىلىسى ۋە ئىقتىساد تۈرلىرى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ تۈزۈلۇشى، فونكىسيەسى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىش ئارقىلىق، چىقىم يۆنىلىشىنى ئەكىس ئەتتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. مەسىلەن، مائارىپ چىقىمى، پەن-تېخنىكا چىقىمى قاتارلىقلار؛ ئىقتسادى خاراكتىر ئارقىلىق تۈرلەرگە ئايرىپ، چىقىمنىڭ ئىشلىتىشىنى ئەكىس ئەتتۇرۇش، مەسىلەن مائاش چىقىمى، تاۋارلارنى سېتىۋېلىش ياكى مۇلازىمەت چىقىمى قاتارلىقلار.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى خامچوت قانۇنىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ھۆكۈمەت خامچوتى، خامچوتنى تەڭشەش، نەقچوت ۋە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئۇنىڭ مەلۇمات جەدۋىلى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغاندىن كېيىن 20 كۈن ئىچىدە ئاشكارلىنىشى، تارماقلارنىڭ خامچوت، نەقچوتلىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە تارماقلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن 20 ئىچىدە ئاشكارلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر