باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدا تۆت قارالما مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

2014.09.02 10:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 4-سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ۋېلىستا باشلىقلار يىغىنى ئاچىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە شېرىك دۆلەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  2012-يىلىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى چىكاگو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنادىكى قالايمىقانچىلىق، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇش، تور ھۇجۇمى قاتارلىقلار خەلقئارا بىخەتەرلىك دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەر ئىكەن. ئاشكارىلىنىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا تۆت قارالما مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسېن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا كىرىزىسى پەيدا قىلغان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تېزدىن تاقابىل تۇرۇشقا موھتاج دېدى.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇرۇش تەييارلىقى ھەرىكەت پىلانىنى رەسمىي چىقىرىدۇ. بۇندىن ئىلگىرىكى ئەپچىل مۇداپىئە قارىشى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ پىلاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي گۇرۇھ سۈپىتىدىكى ئەمەلىي كۈرەش ئىقتىدارى تەكىتلىنىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشتا تېخىمۇ سەزگۈر، تېخىمۇ ماھارەتلىك، قورال-جابدۇقلىرى تېخىمۇ سەرخىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا ھەرىكەت قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  غەرب تاراتقۇلىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا مەڭگۈلۈك بازا قۇرۇشىغا تۈرتكە بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلدى. راسموسېن يېقىندا ئەنگلىيە «قوغدىنىش گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، زۆرۈر تېپىلغان ئەھۋالدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى مەڭگۈلۈك بولىدۇ، كەلگۈسىدە ئارمىيە نەچچە سائەت ئىچىدىلا بەلگىلەنگەن جايغا ھازىرلىنىپ بولىدۇ دېدى. جامائەتچىلىك شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇ مەسىلىدە بىردەكلىككە كېلىش ناھايىتى تەس دەپ ھېسابلىدى.

  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەربىي ھازىرلىق چىقىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئازايتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەرز كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي راسخوت چىقىمى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەلەپ قىلغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 گە يەتكۈزۈش ئۆلچىمىدىن بەكلا يىراق بولدى.

  كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ھەربىي خىراجەت مەسىلىسىنى قايتا تىلغا ئالىدۇ دەپ قارىدى. راسموسېن ئىلگىرى بىزنىڭ كوللېكتىپ مۇداپىيەمىزنى ياخشىلاشقا نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدۇ دېگەن ئىدى. ئۇ 2008-يىلىدىن بۇيان، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى %50 ئاشتى، ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىراجەت سېلىنمىسى ئوتتۇرىچە %20 ئازىيىپ كەتتى دېگەن ئىدى. راسموسېن ھازىر دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئازايتىشنى توختىتىش ھەم دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك دەپ قارىدى.

  ئۇزۇندىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت-شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلام يىغىنىدىكى مۇقىم باش تېما بولۇپ كەلدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش ۋە رەقىبلىشىش دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. ھالبۇكى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئوت پىلتىسىنى قايتىدىن ياقتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشتە مەسئۇلىيىتى بار دەپ ئەيىبلەپ، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن زىددىيەت ھەم گۇمانغا تولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن بېكىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىراق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشىمىغان رېئال مەنپەئەت-ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە بولغان مەيدانىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، پولشا ھەم بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى باشلىقلار يىغىنى دوكلاتىدا رۇسىيەنى يوشۇرۇن تاجاۋۇزچى دەپ بېكىتىشكە دەۋەت قىلغان، ئەمما باشقا بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەگە بىھۇدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردىمى قىسمى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىغا بارلىق مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ- شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى رولىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  راسموسېن 50 دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردىمى قىسمى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت رېكورتىنى ياراتتى. ۋېلىس باشلىقلار يىغىنىدا، بىز يېڭى سەھىپە ئېچىپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش، مەسلىھەت بېرىش ۋە ياردەم قىلىشنى ئاساس قىلغان ئۇرۇشسىز ۋەزىپسىنى يولغا قويۇپ، بىز ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى كۈتۈۋاتىمىز دېدى. خەۋەرگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق شەرققە كېڭىيىشىمۇ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر