2013-يىلى 15-ئاۋغۇست قۇرۇلۇش باشلانغان ، ‹‹تەڭرىتاغ قار لەيلىسى ›› شەكلىدە سېلىنىۋاتقان ‹‹ شىنجاڭ تىياتىرخانىسى ›› نىڭ قۇرۇلۇش ئېگىزلىكى 80 مېتىر بولۇپ ، دۆلىتىمىزدىكى مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ، شۇنداقلا غەربىي دىيار خەلقئارا مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپلەر باغچىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يادرولۇق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ .
ئېچىلىپ تۇرغان ‹‹ تەڭرىتاغ قار لەيلىسى ›› دىن ئۆرنەك ئېلىنىپ ، ئابستراكىت ۋە ئىجادىي لايىھە شەكلى قوللىنىلىپ ، گۈمبەزسىمان شەكىل ھاسىل قىلىنغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى يۈزىگە چاپلىنىۋاتقان ئالتۇنرەڭ ئاليۇمىن تاختىلار بىنانى كۆركەم ۋە مودا كۆرسەتسە ، ئىچىدىكى تۈرلۈك ئالتۇنرەڭ بېزەكلەر شىنجاڭنىڭ قويۇق يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
‹‹شىنجاڭ تىياتىرخانىسى›› پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان ‹‹شەھەر يىغىن زالى ›› غا ئايلىنىپلا قالماستىن ، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى قېزىش ۋە نامايان قىلىشتىكى بازىغا ئايلىنىدۇ .